Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پۈتۈن ئەستە قالدۇرۇش
پسىخولوگىيە
整体识记
zhěng tǐ shí jì
ئەستە قالدۇرۇلىدىغان ماتېرىيالنى باشتىن - ئاخىرىغىچە تاكى پىششىق ئەستە قالغانغا قەدەر تەكرارلاپ ئەستە قالدۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. پۈتۈن ئەستە قالدۇرۇش ماتېرىيالنى تولۇق ۋە چوڭقۇر چۈشىنىشكە، ماتېرىيالنىڭ ئەسلىدىكى بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۆلەكلەرنى باشقىدىن بىرلەشتۈرۈپ يۈرۈشتىنمۇ ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بۆلۈپ ئەستە قالدۇرۇشتىن پۈتۈن ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈملۈك بولىدۇ، ئەستەقالدۇرۇلىدىغان ماتېرىيالنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ ئەھمىيەتلىك بولسا، بۆلۈپ ئەستە قالدۇرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئەھمىيەتلىك، مەزمۇنى ئاددىي ۋە قىسقا ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ئەستە قالدۇرۇشتا، پۈتۈن ئەستە قالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان ياخشى.