Uyghurئاساسىي لۇغەت
پۈت
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
پۈتمەك، پۈتۈش. تۈگىمەك، ئاخىرىغا يەتمەك. ئاياغلاشماق، تاماملانماق.
يېڭى بىنا پۈتتى. * كىيىم پۈتتى. * ئىش پۈتتى. * ئېشىكىم سۇدىن ئۆتتى، ئىشىم پۈتتى (مەتەل). * پۈتكەن ئىشقا ئىگە تولا، ئۇرۇشتىن كېيىن باتۇر (ماقال).
ياخشىلىق بىلەن ئىش پۈتسە پەقەت،
جاڭجال غوۋغا قىلىشقا بۇندا نەھاجەت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
پۈتمەك، پۈتۈش. يازماق.
خەت پۈتمەك. * دەپتەرگە پۈتۈپ قويماق. * پېشانىگە پۈتۈلگەننى تارتماي ئامال يوق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
پۈتمەك، پۈتۈش. 1 . ئىچىدىكى بوشلۇق تىنىپ، ئېتىلىپ قالماق.
يىڭنىنىڭ تۆشۈكى پۈتۈپ قاپتۇ.
2 . يارا ساقايماق، ئاغزى جىپلاشماق. يارىنىڭ ئاغزى پۈتۈپتۇ.
3 . بۇرۇن نەپەسلىنىش قىيىن بولماق. بۇرنۇم پۈتۈپ قالدى.
4 . ئاۋاز چىقماي قالماق. ناخشىنى تولا ئېيتىپ، ئاۋازىم پۈتۈپ قالدى. * ئۇ قىز ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تولا يىغلاپ، ئاۋازى پۈتۈپ كەتتى.
5 . قۇلاق ئاڭلىماس بولۇپ قالماق. ئۇ بوۋاينىڭ قۇلىقى پۈتۈپ قاپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
پۈتمەك، پۈتۈش. ئىشەنمەك، خەقنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەك.
ئۇنىڭ سۆزىگە پۈتۈپ، خاتا قىلدىم.