Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پىتتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى皮特
pí tè
كىشىلەر چوڭ پىتتى دەپ ئاتىغان. خۇيگ پارتىسىدىن. 1735-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1746-يىلىدىن باشلاپ خۇيگ پارتىيىسىنىڭ ھەرقېتىملىق كابىنىتىداۋەزىپەئۆتىگەن. ۋالپولې ۋە كورۇل گېئورگې گە باشلامچىلىق بىلەن قارىشى تۇرغان . 1756 - 1757-يىللىرى خۇيگ پارتىيىسى تۈۋەن پالاتاسىنىڭ داھىسى بۇلۇپ، دىپلوماتىيەخىزمىتىگە مەسئول بولغاندا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىلىيەتتىكى ئاساسلىق سىياسەت بەلگۈلىگۈچىسىگە ئايلانغان .1757-يىلى 4-ئايدا بىر مەھەل ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بەرگەن ،ئۇزاق ئۆتمەي ۋەزىپىسى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، دىپلوماتىيە ۋە ھەربى ئىشلار (1757 -1 176)نى باشقۇرغان، يەتتە يىللىق ئۇرۇش مەزگىلى (1756-1763)دە ئەنگىلىيىنىڭ ئاساسلىق سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان.1768-يىلى كىسەل سەۋەبى بىلەن ئىستىپابەرگەن .ئۈمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەنگىلىيە بىلەن شىمالى ئامېركا مۇستەملىكىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشكە كۈچ چىقىرىپ، شىمالى ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىنىڭ مۇستەقىل بولىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسقان. (2) (1759 - 1806) چو پىتتىنىڭ ئوغلى، كىشىلەر كىچىك پىتتى دەپ ئاتىغان ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەىزىرى (1783 - 1801، 1804 - 1806). تورى پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. 1781 - يىلى تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1782 - 1783 - يىللىرى مالىيە ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، مالىيە ۋە چېگرا بېجى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت قەرزىنى ئازايتىپ، بىر - نەچچە خىل چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلغان. 1784-يىلى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنى ئۆزگەرىتپ تەشكىللەپ، ھىندىستاننى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن؛ 1791 - يىلى كانادانىڭ مەمۇرىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن؛ 1800-يىلى ئىرلاندىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ قوشۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىرلاندىيىنىڭ مىللىي دېموكراتىك ھەرىكىتىنى باستۇرغان؛ 1789 - يىلى فرانسىيىدە ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇرۇپ، فرانسىيە ئىنقىلابىي ھاكىمىيىتى ۋە ناپولېئون ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بارغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.