Uyghurئاساسىي لۇغەت
پېتېن
دۇنيا تارىخى
(1856 - 1951) فرانسيە ۋىشى ياكى ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى، ساتقىن. 1878 - يىلى سېن - سىر ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ۋېردېن ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان. 1917 - يىلى 4 - ئايدا، باش شتاب باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، 5 - ئايدا فرانسىيەئارمىيىسى باش قوماندانى بولغان. 1918 - يىلى مارشال ئۇنۋانى ئالغان. 1920 - 1931 -يىللىرى ئەڭ ئالىي ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1925 - 1926 - يىللىرى فرانسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، مەراكەش خەلق قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1931 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش تەپتىشى بولغان. 1934 - يىلى 2 - 11 - ئايلاردا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. فاشىستلارغا ئىزچىل ھېسداشلىق قىلىپ ۋە يول قويۇپ كەلگەن. 1939 - 1940 - يىللىرى ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇل بولۇپ، فرانكو ھۆكۈمىتىنى ئاكتىپ قوللىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مەغلۇبىيەتچىلىك مەيدانىدا تۇرۇپ، 1940 - يىل 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى زۇڭلى بولۇپ، 22 - كۈنى <كومپېن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى> نى ئىمزالاپ، گېرمانىيىگە تەسلىم بولغان. 1940 - 1944 - يىللىرى ۋىشى ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلىپ، ئۆزىنى فرانسىيە دۆلەت باشلىقى دەپ بەلگىلىۋالغان. 1945 - يىلى 4 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 8 - ئايدا، دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، كېيىن ئۆمۈرلۈك تۈرمە جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن، كېسەل بىلەن ئۆلگەن.