Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىش
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
پىشماق، پىشىش. 1 . دانلىق زىرائەت، مېۋە - چېۋە، قوغۇن - تاۋۇزلار يېتىلىپ ئىشلىتىشكە، يېيىشكە بولىدىغان ھالەتكە كەلمەك.
بۇغداي پىشىپتۇ. * قوغۇن پىشسا ساپىقىدا تۇرماس (ماقال). * ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش (تەمسىل).
2 . ئۇن (خېمىر) گۈرۈچ، گۆش، كۆكتاتلار ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق يېيىشكە بولىدىغان ھالەتكە كەلمەك. ئاش پىشتى. * گۆش پىشىپتۇ. * بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
پىشماق، پىشىش. نەرسىنى سۇغا، سۇيۇقلۇققا چۆمۈلدۈرمەك، چىلاپ يۇماق.
ئاتنى ئۆستەڭگە پىشىپ كەلدىم.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىلگىرى، ئالدىن؛ ئالدى:
ھەر بەلايى پىش كەلسە ئەۋلىيالار ياندۇرۇر،
ئاڭا ھەم ھەقدىن ئىنايەت بولسا قۇدرەت باردۇر.
نەۋبەتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
مۈشۈكنى چاقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.