Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پىساكانې
دائىرە: دۇنيا تارىخى皮萨卡纳
pí sà kǎ nà
(1818 - 7185) ئىتالىيە ئىنقىلابىي دېموكراتى ۋە خىيالىي سوتسىيالىستى. 1848 -يىلىدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان، رىم جۇمھۇىيەت ئارمىيىسىنىڭ شتابىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىنقىلاب قاتناشقان، رىم جۇھمۇرىيەت ئارمىيىسىنىڭ شتابىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، <1848 - 1849 - يىللاردىكى ئىتالىيە ئۇرۇشى> نى ئېلان قىلىپ، ئىنقىلاب تەجرىبلىرىنى يەكۈنلەپ، جۇمھۇرىيەتچى دېموكراتلار داھىيىىرىنى ئىنقىلاب مەزگىلىدە خەلق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش كۈچلۈك بولمىدى، خەلقنىڭ ماددىي منپەئىتىگە سەل قارىدى، دەپ تەنقىدلىگەن. كېيىن <ئىتالىيە تارىخىدىكى سىياسىي، ھەربىي ئىشلاردىن مۇھىم نۇقتىلار> دېگەن ماقالىسىدە، ئىتالىيە ئىنقىلابى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ غەلىبىسى تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى نامراتلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ، دېگەننى تەكىتلەپ كۆرسىتىپ، ئىتالىيە مىللىي بىرلىك ھەرىكىتىنى جەمئىيەتنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەمئىيەتنىڭ سىنىپىي ئانتاگونىيىگە بۆلۈنۈپ كېتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب دەپ قاراپ، يېزا - شەھەرلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە قارىتا ئىجتىمائىي مۈلۈكچىلىكنى يولغا قويۇپ، سانائەت، دېھقانچىلىق ۋە قاتناش ئىشلىرىنى كوللېكتىپلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. خەلق ئىنقىلابى جەريانىدا بۇرژۇئازىيە ۋە چوڭ يەر ئىگىلىرىنى مەھرۇم قىلىش - ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى، ئىتالىيە دېھقانلىرى ئىنقىلابنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەۈرگۈچى كۈچى. دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئىدىيىسى گۈللىنىش ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى ئىتالىيە سوتسىيالىزم ئىدىيىسى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. 1857 - يىلى ھەرىكەت پارتىيىسى ئۇيۇشتۇرغان جەنۇبىي ئىتالىيە يۈرۈشىدە قازا تاپقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.