Uyghurئاساسىي لۇغەت
پرېئوبراژېنى قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1903-يىلى 8-ئايدا تراكىينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بۇلغارلارنىڭ تۈركىيىنى مىللىي زۇلىمىغا قارشى قوزغىلىڭى. ئىلىنتون قوزغىلىڭى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن چاغدا، ماكېدونىيە ئادرىئانوپولىسنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىنقىلابىي تەشكىلات تەرىپىدىن 8-ئاينىڭ 19-كۈنى يەنى پراۋوسلاۋ دىنىنىڭ <پرېئوبراژېنىئىې> بايرىمىدا قوزغىلىتىلغان ھەمدە بۇلغارلار ئولتۇراقلاشقان شىمالىي رايونلارغىچە تارقالغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بەزى يېزا - كەنتلەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، قارا دېڭىز بويىدىكى ئىككى كىچىك پورتنى ئازاد قىلغان ھەمدە ستېلەنكا جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئەمما ناھايىتى تېزلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، جۇھمۇرىيەت پەقەت 26 كۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن مۇنقەرز بولغان، نەچچە ئونلىغان يېزا - كەنتلەر بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنغان ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، 2200 نەپەر ئاھالە ئۆلتۈرۈلگەن، 20 مىڭ كىشى بۇلغارىيىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان.