Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پىرىئام
دائىرە: دۇنيا تارىخى普里安姆
pǔ lǐ ān mǔ
قەدىمكى يۇنان ئەپسانلىرىدىكى ترويانىڭ ئاخىرقى پادىشاھى. لائومېدوننىڭ ئوغلى. ئېيتىلىشىچە خوتۇنى ھېكۇبا ۋە باشقا ئاياللاردىن بولۇپ نەچچە ئون پەرزەنت كۆرگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېكتور، پارىس، پوردولوس، كاسساندرا قاتارلىقلار بار ئىكەن. ترويا ئۇرۇشىدا (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅡ ئەسىردە) ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، يۇنان يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىگە 10 يىل قارشىلىق كۆرسەتكەن. گومېرنىڭ <ئىليادا> داستانىدا بايان قىلىنىشىچە، ھېكتور جەڭدە ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاكىللېسقا ئىلتىماس قىلىپ سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت ئالغان ۋە ئۇنى ھەسرەت بىلەن دەپنە قىلغان. ترويا شەھىرى قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ئېيتىلىشىچە پادىشاھ ئوردىسىدىكى زىۋىس پەشتىقىغا قېچىپ بېرىپ پاناھالانغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.