Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پرۇسسىيە بىرلەشمە شتاتلار پارلامېنتى
دۇنيا تارىخى
普鲁士联合邦议会
pǔ lǔ shì lián hé bāng yì huì
پرۇسسىيە كورۇللۇقى مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاچقان فېئوداللىق تەبىقە مەجلىسى. 8 ئۆلكىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك پارلامېنتلىرى سايلاپ چىققان كومىتېتلارنىڭ بىرلىشىشىدىن تەركىب تاپقا. 1847-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى پرۇسسىيە كورۇلى فرېدرىخ ۋېلھېلم Ⅳ نىڭ رىياسەتچىلىكىدە بېرلىندا ئېچىلغان. يۇقىرى، تۆۋەن ئىككى پالاتاغا بۆلۈنگەن: ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى 72 نەپەر يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلەردىن تەركىب تاپقان؛ ئۈچ تەبىقە پالاتاسى رىتسارلار ۋەكىلى (723 نەپەر)، شەھەر ۋەكىلى (182 نەپەر) ۋە دېھقانلار ۋەكىلى (124 نەپەر) دىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ فۇنكسىيىسى پەقەت يېڭى باجلارنى تەستىقلاش ۋە زايون تارقىتىش بىلەنلا چەكلەنگەن؛ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولمىغان، پەقەت مەسلىھەت بېرىش ھوقۇقىلا بولغان، بەلكى پەقەت كورۇل ياكى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىلا مۇزاكىرە قىلالىغان. بۇرژۇئازىيە قاتتىق نارازى بولۇپ، قىسمەن ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بىرلىشىپ لىبېرال ئۆكتىچىلەرنى ئۇيۇشتۇرغان، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى مالىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈشنى ۋە سىاسىي ھوقۇقلارنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلغان. كورۇل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن 1848-يىلىدىكى گېرمانىيەئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىنى تېزلەشتۈرگەن.