Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پرۇدونىزم
دۇنيا تارىخى
蒲鲁东主义
pú lǔ dōng zhǔ yì
ياۋروپا ئىشچىلار ھەرىىتىدىكى بىر خىل ئىسلاھاتچىلىق، ئانارىىزملىق ئىدييىۋى ئېقىم. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى پرۇدون بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا فرانسىيىدە پەيدا بولۇپ، ئەينى زاماندا ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلار كۆپ بولغان ئىتالىيە، بېلگىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان. ئاساسەن ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئەڭ غايىۋى جەمئىيەت خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان <ھەمكارلىق تۈزۈمى> دىكى جەمئىيەتتىن ئىبارەت دەپ قاراپ، ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكىچلىكنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كاپىتالىستىك خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان. ئەمگەكچى خەلق پا قوشقان <ئالماشتۇرۇش بانكىسى> نى ئۇيۇشتۇرپ، ئۆسۈمسىز قەرز پۇل تارقىتىش ئاقرىلىق، ۋەيران بولۇش گىردابىغا چۈشۈپ قالغان ئۇششاق ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشنى ھەمدە ئىشچىلارنىڭ كوپىراتسىيە، كارخانا ياكى كىچىك زاۋۇتلارنى قۇرۇۋېلىشقا ياردەم بېرىشنى تەشەببس قىلغان. بۇ خىل تىنچ ئىسلاھاتچىلىق يلى ئارقىلىق مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى تەدرىجىي ھالدا سېتىۋېلىپ، ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى تەدرىجىي ھالدا سېتىۋېلىپ، ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىدىكى جەمئىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشپ، كاپىتالىستىك جەمئىيەتنى قۇل ئەمگىكى ھالىتىگە قايتۇرۇپ، ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش خام خيالىدا بولغان. يەنە ئانارخىزمنى تەرغىپ قىلپ، ھەرقانداق دۆلەت، تەشكىلاتلارغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، <پارتىيىلەرنى يوقىتىش، ھۆكۈمەتنى يوقىتىش> ھەققىدە جار سېلىپ، ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا، زورلۇق ىنقىلابىغا، پرولېتاريات دىكتاتۇرىسىغا، ھەرقانداق نوپۇز ۋەئىنتىزامغا قارشى تۇرغان. بۇ مەسلەكنىڭ تارقىلىشى خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىز زىيان يەتكۈزگەن. ماركس ۋە ئېنگېلس <پەلسەپە نامراتلىقى>، <تۇرار جاي مەسىلىسى ھەققىدە> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە پرۇدونىزمنى چوڭقۇر تەنقىد قىلغان.