Uyghurئاساسىي لۇغەت
پېرسىيە ئىمپېرىيىسى
تارىختىكى ئىمپېرىيلەر
پېرسىيە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان. پېرسىيە ئىمپېرىيىسى باش كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئىران ئېگىزلىكىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئېلان ۋە مىدىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت بارلىققا كەلگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە مىدىيە بىلەن بابىلون ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى553 - يىلى ئاخمېنىدلار نەسەبىدىن كېلىپ چىققان پارس ئاقسۆڭەك كۇرۇس Ⅱ ھەرقايسى پارس قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىدىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاخمېند پادىشاھلىقىنى قۇرغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى550 - يىلى كۇرۇس Ⅱ پېرسىيە پادىشاھى بولغان.
پېرسىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ۋەھىمىگە سالغان. لۈدىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر پېرسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تەشكىللىگەن، ئۇزاق ئۆتمەي پېرسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ يوقىتىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى540 - يىلى پېرسىيە لۈدىيىنى يوقاتقان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى538 - يىلى بابىلوننى ئىشغال قىلىپ، پۈتكۈل غەربىي ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي كۇرۇس Ⅱ شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن تارتقان. ئۇ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى529 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چارۋىچى قەبىلىلەر بىلەن بولغان جەڭدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
كۇرۇس Ⅱ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى كامبىس تەختكە چىقىپ، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى525 - يىلى مىسىرنى بويسۇندۇرغان ھەمدە قوشۇننى بۆلۈپ غەربتە لىۋىيە، جەنۇبتا نوبىيىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. غەربىي يولدىكى قوشۇن قۇم بورانغا دۇچ كېلىپ كۆمۈلۈپ كەتكەن، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى2500 يىلدىن كېيىن مىسىر ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن تېپىلدى. جەنۇبىي يولدىكى قوشۇنلارمۇ ئوخشاشلا مەغلۇبىيەت تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. كامبىس يىراقتا ئىستېلا ئۇرۇشى قىلىۋاتقاندا، غەربىي ئاسىيادىكى ئىستېلا قىلىنغان جايلاردا تۇشمۇتۇشتىن پېرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغان، پېرسىيىنىڭ ئۆز زېمىنىدىمۇ سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. كامبىس ئالدىراپ - تېنەپ دۆلىتىگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ سۈرىيىگە كەلگەندە ئۆلگەن (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى522 - يىلى)، كېيىن كۇرۇسنىڭ كۈيئوغلى دارىئۇس دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى باستۇرۇپ پادىشاھلىق تەختكە چىقىپ، دارىئۇس Ⅰ دەپ ئاتالغان. ئاندىن ئۇ شەخسەن ئۆزى زور قوشۇننى باشلاپ غەربىي ئاسىيادىكى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن دۆلەتلەرنى تىنچىتىپ توققۇز پادىشاھنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئاخمېند پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن تىكلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن، قوزغىلاڭنى باستۇرۇش جەريانىنى پارسچە، ئېلامچە، بابىلونچە ئۈچ خىل مىخ يېزىق بىلەن بېخستون دېگەن جايدىكى قىياغا ئويدۇرغان. مانا بۇ مەشھۇر «بېخستون ئويما يېزىقى» دۇر.
دارىئۇس Ⅰ ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى مالىمانچىلىقلارنى تىنچىتقاندىن كېيىن، داۋاملىق سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى518 - يىلى، دارىئۇس Ⅰ يىراققا يۈرۈش قىلىپ ھىندى دەرياسىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن ئارقىغا يېنىپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ يۇنانغا تەھدىت سالغان، شۇنىڭ بىلەن يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان «يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى» پارتلىغان.
پېرسىيە ئىمپېرىيىسى دارىئۇس Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئەڭ گۈللەنگەنىدى. ئىمپېرىيىنىڭ زېمىنى شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن باشلىنىپ غەربتە ئېگېي دېڭىزىغىچە، شىمالدا كاسپى دېڭىزىغا، جەنۇبتا مىسىرغىچە كېڭەيگەن. يېرىم ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، پېرسىيە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ مىسلىسىز چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. پېرسىيە ئىمپېرىيىسى يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قايتا باش كۆتۈرەلمىگەن، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى330 - يىلىغا كەلگەندە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن يەنە بىر ئىمپېرىيە − ماكېدونىيىدىكى ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
دۇنيا تارىخى
ئىران ئېگىزلىكىدە قۇرۇلغان قەدىمكى دۆلەت. پارسلار ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپلىردىن ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇبى (پارىس رايونى) غا كۆچكەن، ئۇلار جەمئىي ئون قەبىلە (ئالتىسى دېھقانچىلىق، تۆتى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان). بىر مەھەل مېدىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قالغان. مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى كۇروس پېرسىيە قەبىلىلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ مېدىيە پادىشاھىقىنى ئاغدۇرۇپ، ئارخېمىند سۇلالىسىنى مىلادىدىن 558 يىل ئىلگىرى دېگەنلەرمۇ بار( قۇرۇپ، سۇسانى پايتەخت قىلغان، بۇ پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارقىدىنلا سىرتقا كېڭىيىپ، كىچىك ئاسىيا مېسوپوتامىيە ۋادىسى، سۈرىيەت قاتارلىق جايلارنى بېسىۋېلىپ، شەرقتە باكتېرىيە، سوغدى قاتارلىق جايلارنىمۇ ئىشغال قىلغان. لېكىن شىمال تەرەپتىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە ماساگىتلار بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا كۇروس مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى گامبىسې تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن قوشۇن باشلاپ مىسىرنى بويسۇندۇرغان )مىلادىدىن 525 يىل ئىلگىرى(، لېكىن گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكتىن )مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى( پادىشاھ گامبىسې دۆلىتىگە قايتىۋېتىپ يولدا ئۇشتۇمتۇت قازا تاپقان. دارىئۇس Ⅰ گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشنى ۋە جايلاردىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان، داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزۈپ، ئىمپېرىيە تېررىتورىيىسى شەرقتە ھىندى دەرياسىغىچە، غەربتە ئېگېي دېڭىزى ۋە ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالى )مىسىر( غىچە سوزۇلغان. مىلادىدىن ئىلىگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرى
)دارىئۇس Ⅰ تەختتىكى مەزگىلدە( پېرسىيە ئۈزلۈكسىز تۈردە غەربكە ھۇجۇم قىلىپ، تەخمىنەن يېرىم ئەسىرگىچە داۋام قىلغان يۇنان -پېرسىيە ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاخىر بۇ ئۇرۇش پېرسىيىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشقان. پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى جايلاردىكى خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقىنى قوزغىغان، ئىمپېرىيە تەۋەسىدە دائىم پېرسىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلار بولۇپ تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن )مىلادىدىن 404 - 343 يىل ئىلگىرى مىسىر مۇستەقىل بولغان(. مىلادىدىن 333 يىل ئىلگىرى دارىئۇس Ⅲ ماكېدونىيىدىكى ئالېكساندر تەرىپىدىن ئۈزۈل - كېسىل تارمار قىلىنغان. مىلادىدىن 330 يىل ئىلگىرى دارىئۇس Ⅲ ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنداق قلىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى يوقالغان. قەدىمكى پېرسىيە شەرقتىكى ئىستىبداتلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ تىپى بولۇپ، ئىمپېرىيە مەزگىلىدە غەربىي ئاسىيادىكى قۇللۇق تۈزۈم ئىقتىسادى يەنىمۇ تەرەققىي تاپقان؛ پېرسىيە مەدەنىيىتى كۆپرەك ئىككى دەريا ۋادىسى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن مىخ يېزىق قوللىنىپ، گۈزەل سەنئەت يارىتىشتا خېلى يۇقىرى نەتىجە قازانغان. مەسىلەن، پېرسېپولىستىكى يۈز تۈۋرۈكلۈك ساراي، قاپارتما نەقىش ۋە تام سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بەكمۇ مەشھۇر. ئىمپېرىيىنىڭ پايتەختلىرىدىن سۇسا، پېرسېپولىس، بابىلون ۋە ئېكباتانا قاتارلىقلار بار. ئىران ئېگىزلىكىدە پەيدا بولغان زور ئاستېر دىنى دارىئۇس Ⅰ زامانىسىدا دۆلەت دىنى قىلىنغان ۋە كەڭ تارقالغان؛ كېيىن جۇڭگو تارقىلىپ ئاتەشپەرەس دىنى دەپ ئاتالغان.