Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پېرسىيە كارۋان يولى
دائىرە: دۇنيا تارىخى波斯道
bō sī dào
قەدىمكى پېرسىيە ئىمپرىيىسى ياسىغان قاتناش يولى. دارىئۇس Ⅰ تەختتىكى مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 522 - 486) ياساپ پۈتتۈرگەن. قوشۇن يۆتكەش ۋە ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى مەقسەت قىلغان. ئاساسىي يول <خان يولى> بولۇپ، كىچىك ئاسىيا قىرغىقىدىكى ئېفسوستىن باشلىنىپ، سادېستىن ئۆتۈپ ئىمپېرىيە پايتەختى سۇساغىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2400 كىلومېتىر كېلىدۇ. يەنە بىر يول مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى بابىلوندىن باشلىنپ، ئىران ئېگىزلىكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، شەرقتە باكتېرىيە ۋە ھىندى دەرياسىنىڭ غەربىي زېمىنىغىچە بارغان. كارۋان يولىغا سارايلار تەسىس قىلىنىپ، ئاتلار، خەۋەرچىلەر تەق قىلىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇيرۇق ۋە ئاخبارات يەتكۈزۈشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغان. چېگرا ۋە دەريا ئېغىزلىرىغا قاراۋۇللار ھەم ئەسكەرلەر تۇرغۇزۇلغان، يەرلىك ئەمەلدارلار خەۋەرچىلەر ۋە سودا كارۋانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېپىل بولغان. كارۋان يوللىرى ئىمپېرىيىنىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ ئالاقىسىنى چىڭىتىپ، ئىقتىساد ۋە سودىنىڭ راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.