Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پېرس
دۇنيا تارىخى
皮尔斯
pí ěr sī
(1) فرانكلىن پېرەس (1804 - 1869) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1853 - 1857). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. يېڭى ھامپشر شتاتىدا تۇغۇلغان. 1824-يىلى پودوئىن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1827-يىلى ئادۋوكات بولغان. 1833 - 1842-يىللىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قوشما شتات ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ ئەزاسى بولغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزىلىدە غەربنى ئېچىشنى تېزلىتىشنى تەشەبىۇس قىلغان؛ قۇللۇق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىشنى قوللىغان، 1854-يىلى <كانزاس - نېبراسكا قانۇنى> نى ئىمزالاپ، كانزاس ئىچكى ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (2) چارلېس ساندېس پېرس (1839 - 1914). ئامېرىكا ئىدېئالىزملىق پەيلاسوپى، پراگماتىزمغا ئاساس سالغۇچى. 1859-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1186-يىلى ئامېرىكا دېڭىز ياقىلىرىنى ئۆلچەش ئىدارىسىدە ئىشلىگەندە، دېڭىز - ئويان ئاسترونومىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە ياردەملەشكەن. 1872-يىلى يەر شرىنىڭ زىچلىقى ۋە ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە سىناق نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان. 1877-يىلى دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى باكلاۋىرلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. خارۋارد ۋە جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1878-يىلى <پراگماتىزم> دېگەن سۆزنى تۇنجى قېتىم ئىجاد قىلىپ، بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن. ئۇ، ھەرقانداق بىر ئۇقۇمنىڭ پۈتكۈك مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى ئۇنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈنۈمىدە بولىدۇ، دېگەننى پراگماتىزمنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى قىلغان. شۇنداقلا ئۇ ئامېرىكىدا ماتېماتىكىلىق لوگىكىنى ئەڭ بۇرۇن تەتقىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرلىرىدىن <فوتومېتىرىيە تەتقىقاتى>، <لوگىكا ماقالىلىرى توپلىمى> قاتارلىقلار بار. 1931 - 1958 - يىللىرى <پېرس ئەسەرلىرى> دىن سەككىز توم نەشر قىلىنغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
皮尔斯〈加、美、澳〉
pí ěr sī 〈jiā 、měi 、ào 〉