Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پېرون
دۇنيا تارىخى
庇隆
bì lóng
(1895 - 1974) ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى (1946 - 1955، 1973 - 1974). 1913-يىلى ھەربىي سەپكە كىرگەن. 1939 - 1940 - يىللىرى ئىتالىيىگە بېرىپ ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەنگەن ھەمدە فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق ئەللەردە ھەربىي ئىشلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈشتە بولغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، <بىرلەشمە ئوفىتسېرلار پولكى> نى ئاساسلىق ئەزاسى بولغان. 1943-يىلى بىرلەشمە ئوفىتسېرلار پولكى سىياسىي ئۆزگىرىشى مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئەمگەك - سانائەت مىنىستىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىسىتىر ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1945-يىلى 10-ئايدىكى ئامېرىكا پەرەسلەر سىياسىي ئۆزگىرىشىدە خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، نەزەربەنت قىلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىش قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكتىن قويۇپ بېرىلگەن. 1946-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ھەربىي مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىغا مەركەزلەشتۈرۈۋېلىپ <پېرونزم پارتىيىسى> تەشكىللەپ، مىللەتپەرۋەرلىكنى تەرغبىپ قىلىپ، ئىگىلىك مۇستەقىللىكى شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆز دۆلىتىنىڭ سانائەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويغان ھەمدە بەزى ئىسلاھاتچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللانغان. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان كېيىنكى مەزگىلىدە ئامېرىكا بىلەن مۇرەسسە قىلىش ۋە ئىچكى ئىگىلىك ئەھۋالىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىشى بىلەن خەلق نارازى بولۇپ، ئىچكى سىنىپىي زىددىيەتلەر كەسكىنلەشكەن. 5195-يىلى كاتولىك چېركاۋى بىلەن قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ھەربىيلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. پېرون خىزمىتدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، پارگۋايغا چىقىپ كەتكەن. كيىن ئىسپانىيىدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغان. 1973-يىلى، ھەربىيلەر ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن پېرون تەرەپدارلىرى باشچىلىقىدىكى <ئازادلىق ھەققانىيەت سېپى> ئوقۇمىي سايلامدا غەلىبە قازانغان. پېرون ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
佩龙〈法〉
pèi lóng 〈fǎ 〉