Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پروبېركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش
بىئولوگىيە
试管受精
shìguǎnshòujīng
تەندىن ئايرىپ ئۇرۇقلاندۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى تەندىن ئايرىلغان شارائىتتا ئۆستۈرۈپ چاڭلاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى. ئۇرۇقلانمىغان تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئۆستۈرگۈچكە سېلىپ چاڭلاندۇرغاندا گۈل چېڭى تۆرەلمە تۈگۈنى ياكى ئۆستۈرگۈچتە بىخلىنىپ، گۈل چېڭى نەيچىسى تۈگۈن تۆشۈكىدىن تۆرەلمە خالتىسىغا كىرىپ ئۇرۇقلىنىدۇ. تۆرەلمە تۈگۈنى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ئۆستۈرگۈچتە يېتىلىپ ئۇرۇققا ئايلىنىدۇ. ئۇرۇق بىخلىنىپ مايسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇقلىنىشتىكى بىرىكمە سىلىكنى يېڭىپ، يىراق شالغۇت ئۇرۇق ياكى ئۆزىدىن چېتىشقان كۈچلۈك ئۇرۇققا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇرۇقداننى تەندىن ئايرىپ چاڭلاندۇرۇپ ئۇرۇقلاندۇرۇشمۇ پروبېركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇشقا كىرىدۇ. پروبېركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇپ نەتىجىگە ئېرىشىلگەن ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى كۆپ. بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ يىراق شالغۇت ئۇرۇققا ئېرىشكەنلىك توغرىسىدىكى مىساللاردىن دەرمىنىڭ تۈر ئوتتۇرىسىدىكى شالغۇتلاشتۇرۇش بىلەن ئۇرۇقداش ئوتتۇرىسىدىكى شالغۇتلاشتۇرۇشنى، ئەپيۇنگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقداش ئوتتۇرىسىدىكى شالغۇتلاشتۇرۇلۇشى، تاماكا ئۇرۇقدىشىدىكى سورتلار ئارا شالغۇتلاشتۇرۇش، كۆممىقۇناقنىڭ سورتلار ئوتتۇرىسىدىكى شالغۇتلاشتۇرۇلۇشى، بۇغداي بىلەن قارا بۇغداينىڭ شالغۇتلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بار.