Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پېرمى شەھىرى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر彼尔姆市
bǐ ěr mǔ shì
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورال رايونىدىكى مۇھىم شەھەر، پېرمى ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر كاما دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى كاماسۇ ئامبىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان. ئاھالىسى 1 مىليون 56 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). پېرمى 1781 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 1940 - يىلدىن 1957 - يىلغىچە <مولوتوۋ> نامى بىلەن ئاتالغان. پېرمى ئورال رايونىدىكى مۇھىم نېفىت خىمىيە، ماشىنسازلىق، نېفىت ئايرىش، ياغاچ ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ ئىلشەش، قەغەز سانائەت مەركىزى. بولۇپمۇ نېفىت خىمىيە سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يېنىك سانائىتىمۇ تەرەققىي قىلغان. پېرمى ئورال رايونىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ شىمالىدا سۇ ئېلېكتر ئىستانىسى، سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورال پەن - تەتقىقات مەركىزى ئورۇنلىرى، كۆپلىگەن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.