Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پېركىنس
دائىرە: دۇنيا تارىخى铂金斯
bó jīn sī
(1882 - 1965) ئامېرىكىنىڭ ئايال ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىسى. كولۇمبىيە قاتارلىق داشۆلەردە ئوقۇپ، ئىجتىمائىيشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى نيۇ - يورك ئىستېمالچىلار ئىتتىپاقى بىلەن ستراخۋانىيە كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە شۇجىسى بولغان. 20-يىللاردىن باشلاپ نيۇ - يوركتا سانائەت ۋە ئىشچىلار قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شتاتلىق پارلامېنتنىڭ ئاايل ئىشچىلارنىڭ ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىپ ماقۇللىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېيىن شتاتلىق سانائەت ئىدارىسى ۋە سانائەت كومىتېتىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1933 - 1945 - يىللىرى ئەمەەك مىنىسىترى بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدا ئىچكى كابىنېتقا كىرگەن تۇنجى ئايال بولۇپ قالغان. خىزمەت جەريانىدا پارلامېنتنىڭ ئەڭ تۆۋە ئىش ھەققى ۋە ئەڭ يۇقىرى ئىش ۋاقتى، ئىشسىزلارنىڭ ياردەم پۇلى، خەلق بايلىقىنى قوغداش ئەترىتى، بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش قاتارلىق قانۇنلارنى ماقۇللىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن، ئەمەەكچىلەرنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش، شۇنىڭدەك <يېڭى ھۆكۈمەت> ئەمگەكچىلەر قانۇنىنى يولغا قويۇشقا بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان. 1946 - 1952 - يىللىرى ئامېرىكا خەلق مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئەمگەكچىلەر ۋە سانائەت مەسىلىسى توغرىسىدا نۇرغۇن نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇنىڭ <مەن بىلىدىغان روزۋېلت> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى珀金斯
pò jīn sī
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.