Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پېرگام پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
拍加马王国
pāi jiā mǎ wáng guó
كىچىك ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. ئېگېي دېڭىزىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن 283 يىل ئىلگىرى يۇنان سەركەردىسى فىلېتايرو سېلېۋكىيە پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ قۇرۇلغان دۆلەت. پايتەختى پېرگام كائىك (ئېگېي دېڭىزىغا قويۇلىدۇ) دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى زاماندىكى داڭىق شەھەر ھېسابلىنىدۇ. ئاتتال Ⅰ (مىلادىدىن 269 - 197 يىللار ئىلگىرى) تەختتە ئولتۇرغندا دۆلەت تەدرىجى قۇدرەت تېپىپ، سېلېۋكىيە، ماكېدونىيە بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە، ئىككىنچى قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى ۋە سۈرىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە رىم بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، كەڭ يەر - زېمىنغا ئىگە بولغان. ئاھالىسى دېھقانچىلىق، ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. چېگرىسىنىڭ ئىچى شەرق ۋە غەربنىڭ مۇھىم سودا يولى بولۇپ، يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرىدە راۋاجلىنىپ بۇ رايوننىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. پېرگام شەھىرىدە 200 مىڭ كىتاب ساقلانغان كۆلىمى چوڭ كۇتۇپخانا بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىرى مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە كۇتۇپخانىسى بىلەن رىقابەتلىشىش كويىدا بولغاچقا، مىسىرنىڭ پتولېمېي خاندانلىقى پاپۇرۇس قەغەز چىقىرىشنى مەنئى قىلغان. شۇڭا ئۇلار بىر خىل <پېرگامېنت> (يەنى <تېرە قەغەز> نى كەشپ قىلغان ھەمدە چەت ئەللەرگە كەڭ تۈردە ساتقان. مىلادىدىن 133 يىل ئىلگىرى، پېرگامنىڭ ئاخىرقى ئەۋلاد پادىشاھى ئاتتال Ⅲ خەلقنىڭ قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، دۆلەت زېمىنىنى قۇدرەتلىك رىمغا تەقدىم قىلىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلىپ ئارستونىڭ قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، پادىشاھلىق رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن پېرگام ئۇزاق ۋاقىت رىمنىڭ شەرق )<ئاسىيا ئۆلكىسى>( قە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى مەمۇرىي ۋە ھەربىي مۇھىم جايى بولۇپ قالغان.