Uyghurئاساسىي لۇغەت
پراگا ئىشچىلىرىنىڭ نامايىشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى1918-يىلىدىكى 1-ماي بايرىمىدا چېخوسلوۋاكىيە ئىشچىلىرىنىڭ سىياسىي نامايىش. 1917-يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن 1918-يىلى 1-ئايدا 150 مىڭ كىشىلىك ئىش تاشلاش يۈز بېرىپ، پراگادا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سۈلھ تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. 1-مايدا پراگادا يەنە 100 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن، نامايىشچىلارنىڭ شوئارى: <بىزگە سوتسىيالىستىك دۆلەت كېرەك> دېگەندىن ئىبارەت ھەمدە ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان خىتابنامە ماقۇللانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.