Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پراگا قوزغىلىڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى布拉格起义
bù lā gé qǐ yì
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا چېخوسلوۋاكىيە پايتەختى پراگا خەلقىنىڭ گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى قوزغىلىڭى. 1945-ىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، گېرمان فاشىستلىرى بېتچىت بولۇش ھارپىسىدا، پراگا خەلقى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان تايانچ نۇقتىلارنى ئىگىلىگەن، 2000 دەك كوچا قورغىنى قۇرۇپ، كۈچ جەھەتتىن ئۈستۈن بولغان دۈشمەن بىلەن ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلغان. 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، سوۋۋېت ئارمىيىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، پراگانى ئازاد قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.