Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پېپىن
دائىرە: دۇنيا تارىخى呸平
pēi píng
(714 - 768) فرانكو پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى (751 - 768)، كارۇلىن خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئوردا ۋەزىرى چارلېس مارتېلنىڭ ئوغلى. مىلادى 741 - يىلى دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن نېئوسترىيە ئوردا ۋەزىرى بولغان. ئنىڭ ئاكىكسى كارلومان (؟ - 754) ئاۋۇستراسىيا ئوردىسىنىڭ ۋەزىرى بولغان. مىلادى 747-يىلى كارلومان ئوردىدىن چىقىپ موناستىردا ئولتۇراقلاشقان. پېپىن مېروۋېئې خاندانلىقىنىڭ بىردىنبىر ۋەزىرى بولۇپ قالغان. مىلادى 751-يىلى پاپانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ مېروۋېئې خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تەختنى تارتىۋېلىپ، كارولىن خاندانلىقىنى قۇرغان. پپاغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 754، 755-يىللىرى ئىككى قېتىم ئىتالىيىگە ئەسكەر چىقىرىپ، لومباردلارنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە 756-يىلى راۋېننادىن رىمغىچە بولغان زېمىنىنى پاپاغا ھەدىيە قىلغان (تارىختا بۇ <پېپىنىنىڭ زېمىن ھەدىيە قىلىشى> دەپ ئاتالغان). بۇ پاپا دۆلىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئاكۇيتانىيادىكى ئاقسۆڭەكلەر توپلىڭىنى باستۇرۇپ، سېپتىمانىيىنى (ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان) بويسۇندرغان. فرانكو پادىشاھلىقىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىنى پىرېنېي تېغىغىچە كېڭەيتكەن.
تارىخ
丕平(矮子)
pī píng (ǎi zi )Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
丕平
pī píng
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.