Uyghurئاساسىي لۇغەت
پوئېما
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە poiema سۆزىدىن، داستان سۆزىگە باراۋەر كېلىدۇ)
لىرو - ئېپىك تۈردىكى ژانىرلاردىن بىرى، شېئىرىي رىۋايەت، شېئىرىي قىسسە، ياكى شېئىرىي ھېكايە. بۇنداق ئەسەرلەر شەرق ئەدەبىياتىدا داستان دېيىلىدۇ. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا كۆپلىگەن داستانلار بار، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇ بىلىك> داستانى دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ نېمىسچە، فرانسۇزچە، رۇسچە نۇسخىلىرى بار. ناۋاينىڭ <خەمسە> سىمۇ بىر قانچە داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا داستانچىلىق پروزا ئەسەرلىرىگە قارىغاندا كۆپرەك تەرەققىي قىلغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەزمە ياكى نەسىر بىلەن يېزىلغان ھېكايە، قىسسە، رىۋايەت.
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا نۇرغۇن داستانلار بار. « ئوغۇزنامە » داستانى ئەڭ قەدىمكى داستانىمىزدۇر. قىرغىز خەلقىنىڭ « ماناس » ئېپوسى ناھايىتى چوڭ ھەجىملىك بولۇپ، دۇنيا بويىچە زور قەدىمىي ئېپوسلارنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
لاتىنچە
بوتانىكا
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ تەرلىتىش، قىزىتمىنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.