Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پوست تۆشۈكى
بىئولوگىيە
纹孔
wénkǒng
ئۆسۈملۈك ھۈجەيرە پوستىدىكى كېيىن قېىنلاشماي قالغان نېپىز پوستلۇق رايون. ئۆز ئارا قوشنا ھۈجەيرىنىڭ ئوخشاش ئورنىغا جايلاشقان پوست تۆشۈكى پوست تۆشۈك جۈپى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتە ئوخشاش بىرلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پوست تۆشۈك جۈپىنى ئايرىپ تۇرىدىغان نېپىز پوستلۇق قىسىم پوست تۆشۈك پەردىسى دەپ ئاتىلىدۇ. پوست تۆشۈكىنىڭ ھۈجەيرە بوشلۇقىغا ئېچىلغان ئاغزى پوست تۆشۈك ئاغزى دەپ ئاتىلىدۇ. قېلىنلاشقان پوست قورشاپ تۇرغان بوشلۇق پوست تۆشۈك بوشلۇقى بىلەن گىرۋەكلىك پوست تۆشۈكىگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسىنىڭ ئاغزى تۆۋەن، چوڭ بولىدۇ، تۆشۈك بوشلۇقى سىلىندىر شەكىللىك بولۇپ، ئالدى تەرىپى تاق چەمبەرگە ئوخشايدۇ. كېيىنكىسىنىڭ تۆت ئەتراپتىكى قېلىنلاشقان پوستى مەركىزىگە قاراپ پۇلتىيىپ چىقىپ گىرۋەكنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭائاغزى كىچىك، تېگى چوڭ، تۆشۈك بوشلۇقى دۈگىلەك، بېگىزسىمان بولۇپ، ئالدى تەرىپى قوش چەمبەرگە ئوخشايدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەيچە ھۈجەيرىسىنىڭ پوست تۆشۈكى گىرۋەكلىك بولۇپ، تۆشۈك پەردىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى قېلىنراق بولىدۇ، بۇ پوست تۆشۈك تىقمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. پوست تۆشۈكى پوستى نېپىز رايون بولغاچقا، ھۈجەيرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماددىلارنىڭ ئالمىشىشىدا پايدىلىق رول ئوينايدۇ. ھۈجەيرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تۇتاشتۇرغۇچى يىپمۇ پوست تۆشۈك رايونىدا كۆپرەك بولىدۇ.