Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پورتۇگالىيىنىڭ 1910-يىلىدىكى ئىنقىلابى
دۇنيا تارىخى
葡萄牙一九一o年革命
pú táo yá yī jiǔ yī onián gé mìng
پورتۇگالىيەنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدرۇغان بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى. 1910 - يىلى 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇمھۇرىيەتلەر پارتىيىسى پايتەختتىكى بىر قىسىم مۇھاپىزەتچى قوشۇنلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ۋە ئىككى ئوكيان چارلاش پاراخوتىدىكى ماتروسلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن. ئەتىسى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەسلىم بولۇپ، قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى پورتۇگالىيىنىڭ جۇمھۇرىيەت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. براگا باشچىلىقىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىر يۈرۈش ئىنقىلابىي ئەمىر - پەرمانلارنى جاكارلاپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىيدىغانلىقىنى، ئاقسۆڭەكلىك نامنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت 1911 - يىلى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللىغان، بۇ ئاساسىي قانۇندا ئىككى پالاتالىق پارلامېنت قۇرۇلىدىغانلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى پارلامېنت سايلىغان زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭتۇڭ تەيىنلىگەن ئىچكى كابىنت يۈرگۈزىدىغانلىقى؛ مەتبۇئات ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى؛ سانائەت ئىشچىلىرىدا سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى؛ئىشچىلاردا ئىش تاشلاش ھوقۇقىنىڭ بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئەمما بۇ ئىنقىلاب يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈمىگە چېقىلمىغان، شۇنداقلا پورتۇگالىيىنى چەت ئەل كاپىتالىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلدۇرالمىغان.