Uyghurئاساسىي لۇغەت
پورتۇگالىيە برازىلىيە ئالگارۋې بىرلەشمە پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
پورتۇگالىيە خان جەمەتى 1816 - 1821 - يىللاردا قۇرغان فېئوداللىق بىرلەشمە پادىشاھلىق. 1807 - يىلى فرانسىيە قوشۇنى پورتۇگالىيىگە بېسىپ كىرگەندە، پورتۇگالىيە خان جەمەتى برازلىيەگە كۆچۈپ كەتكەن. 1815 - يىلى 12 - ئايدا، پورتۇگالىيە خان جەمەتى برازلىيىگە ئىمپېرىيە ئىچىدىكى ئاپتونومىيە ئورنىنى بەرگەن. ئىككىنچى يىلى پورتۇگالىيىنىڭ كورۇلىۋاسى مارىيە 1 (1734 - 1816) ئۆلگەن، ئۇنىڭ ئوغلى يوئاۋ تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، يوئاۋ Ⅵ دەپ ئاتالغان ۋە <پورتۇگالىيە - برازىلىيە - ئالگارۋې (پورتۇگالىيىنىڭ جەنۇبىدا، 1249 - يىلى ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئۆلكە) بىرلەشمە پادىشاھلىقى>نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، رىئودى ژانېيرونى پايتەخت قىلغان. برازىلىيە شەكىل جەھەتتە پورتۇگالىيە بىلەن باراۋەرلىك ئورنىدا تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا پورتۇگالىيە خان جەمەتى ۋە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كونتروللىقىدا بولغان. 1821 - يىلى 4 - ئايدا يوئاۋ Ⅵ پورتۇگالىيەگە قايتىپ كېلىشكەمەجبور بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرلەشمە پادىشاھلىق مەۋجۇت بولۇشتىن قالغان.