Uyghurئاساسىي لۇغەت
پوق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ چوڭ تەرىتى.
كۆزىنى يۇمغان پوقىنى يەر. ئېشىمدا يوق پۇرچاق پوقۇمدا نېمە قىلسۇن. ئورۇق كالىنىڭ پوقى يوغان. بەخىتسىز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ. بارنىڭ مايىقى تېگەر، يوقنىڭ تايىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم، ھايۋان قاتارلىق جانلىقلارنىڭ چوڭ تەرىتى، گەندە.
ئادەم پوقى. مۈشۈك پوقى.
ئورۇق كالىنىڭ پوقى يوغان (ماقال).
مېتالنى تاۋلىغاندا قالغان قالدۇق.
كۈمۈش پوقى.
كۆچمە. ئىقتىدارسىز، كېرەكسىز، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەم.
- ۋاي پوق، - دېدى دادىسى ئۇنىڭغا قاتتىق خاپا بولۇپ، - شۇنچىلىك ئىشنى قاملاشتۇرۇلماي دومسىيىپ تۇرغىنىنى.