Uyghurئاساسىي لۇغەت
پولك
دۇنيا تارىخى
(1795 - 1849) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1845 - 1849). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. شىمالىي كارولىنا شتاتىدا تۇغۇلغان.1820 - يىلدىن باشلاپ قانۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1825 - 1839- يىللىرى فېدېراتىپ ئاۋام پالاتاسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1839 - يىلى تېننېسسې شتاتىنىڭ شتات باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1844 - يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. بۇ جەرياندا تاموژنا بېجىنى كېمەيتكەن؛ دۆلەت خەزىنىسىنىڭ زاپىسىنى كۆپەيتكەن؛ ئەنگىليە بىلەن ئورېگوندىكى زېمىن ماجىراسىنى ھەل قىلغان؛ 1846 - 1848 - يىللىرى مېكسىكىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ،ھازىرقى تېكساس، كالىفورنىيە ۋە يېڭى مېكسىكا قاتارلىق شتاتلارنى تارتىۋالغان.