Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
婆利国
دۇنيا تارىخى
بالى دۆلىتى
ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن ھازىرقى ياۋانىڭ شەرقىدىكى بالى ېرىم ئارىلىدا. مىلادى 517-ىلى (لياڭ سۇلالىسى تيەنلەننىڭ 16-يىلى) ۋ 225-يىلى (لياڭ سۇلالىسى پۇتۇڭنىڭ 3-يىلى) ئىككى قېتىم جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدىمۇ جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ ئىناق ئۆتكەن. ھىندىستان مەدەنىيىتىنڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان بولۇپ، ھىندى دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان، ئاھالىنى ۋارنا بويىچە ئايرىغان؛ كېيىن بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپىمۇ تارقالغان. ⅩⅥ ئەسىردە ئىسلام دىنى ياۋادا كەڭ تارقالغاندا، يەرلىك ھىندى دىنىنىڭ كاھىنلىرى شەرققە كۆچۈپ بالىغا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئارال يەنىلا ھىندى دىنىنىڭ تايانچ نۇقتىسى بولۇپ قالغان. بالى 1882 - 1908-يىللىرى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. بەزى كىشىلەر كالىمانتان ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن ئىلگىرى بالى دۆلىتى ئىدى، دېيىشىدۇ.