Uyghurئاساسىي لۇغەت
پولات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆمۈر بىلەن كۆمۈرنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان قېتىشما مېتال.
كۆپنىڭ كۈچى پولات - گاڭ، كۆپنىڭ كۈچى ئاي ۋە تاڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تۆمۈر بىلەن ئۇگلېرود (كاربون) نىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بىر خىل قېتىشما مېتال. ئۇنىڭ تەركىبىدە 7.1 پىرسەنتتىن تۆۋەن ئۇگلېرود (كاربون) دىن باشقا، يەنە ئاز مىقداردا مانگان، كرىمنىي، گۈڭگۈرت، فوسفور قاتارلىق ئېلېمېنتلار بار. ئۇ تۆمۈرگە نىسبەتەن يۇقىرى بولغان فىزىكىلىق ۋە مېخانىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. سانائەتتە ئۇ ناھايىتى زۆرۈر ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پولات؛ پولاتتەك قاتتىق، كۈچلۈك كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(پارىسچە)
پولاتتەك مۇستەھكەم، ياشايدىغان، ئۆمرى ئۇزۇن بالا. باشقا شەكىللىرى: پولاتباي، پولاتجان، پولاتخان، پولاتگۈل.