Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىنھان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يوشۇرۇن، مەخپىي:
چۇ زېرەك دېدى: بىلمەدىم بۇ زەرۈر،
كى پىنھان ئىدى، تاپتى بۇ ئىش زۇھۇر.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوشۇرۇن، كۆپكە مەلۇم ئەمەس.
ئازمىغان گۇناھتىن خالىي بولار. خىلۋەت جايدا خەير بار. ئارتۇقچە كەمتەرلىك پىنھان تەكەببۇرلۇقتۇر. ئاغلاق يېر _ خىلۋەت يەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
باشقىلارغا مەلۇم ئەمەس، كۆرۈنۈپ - بىلىنىپ تۇرمايدىغان.
ئاشكارا، ئوچۇق، ئوچۇق - يورۇق، ئوچۇق - ئاشكارا
ھەممىگە مەلۇم، كۆرۈنۈپ - بىلىنىپ تۇرغان.
ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا. ئاشكارا ئىشقا پايلاقچى كەتمەيدۇ. ئۆشكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھايت - ھۇيت. پەسكەشلىك بىلەن ياشىغاندىن ئوچۇق - يورۇق ئۆلگەن ياخشى. ئوچۇق - ئاشكارا بول. يوشۇرۇن قىلغان ياخشىلىق ئاشكارا يانار. مۇھەببەتنى پىنھان تۇت. مەخپىي ئىش ئاشكارا بولسا، زىيان چوڭ بولىدۇ. دوستۇڭدىن سىرىڭنى خۇپىيانە تۇتما. ئۇ ئىشنى يەڭ ئىچىدە پۈتتۈردۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
كىشىنىڭ نەزىرىدىن خالىي، كىشى نەزىرى ئاسان چۈشمەيدىغان، خىلۋەت، خالىي.
پىنھان جاي.
يوشۇرۇن، مەخپىي.
قىز ماڭا قاراپ: - سەن بۇ يەردە كۆرگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى كىشىلەرگە ئېيتىپ يۈرمە! - دېدى. مەن: - ئەلۋەتتە پىنھان تۇتىمەن! - دېدىم.