Uyghurئاساسىي لۇغەت
پلۇتونىي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
خىمىيە
رادىئوئاكتىپلىق ئېلېمېنت. بەلگىسى (Plutonium)Pu. سۇس كۆك رەڭدە پارقىرايدۇ، ھاۋادا ئوڭاي ئوكسىدلىنىدۇ. ھازىرغىچە ئۇنىڭ 12 خىل ئىزاتوپى بايقالدى، يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغانلىرىنىڭ 500 مىڭ يىل، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ئۇران بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ ئاتوم بومبىسى ياساشنىڭ مۇھىم ماتېرىياللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.