Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىلتە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
جىزا.
لەڭمەنلەرگە پىلتەقىلماق. * تۆت پىلتە لەڭمەنگە تويمايدۇ ئۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . دۇپپىنىڭ تېشى بىلەن ئەستىرى ئارىسىغا تون ۋە يوتقان - كۆرپىلەرنىڭ قىرلىرىغا قاتۇرۇش ئۈچۈن بېرىلىدىغان قەغەز ياكى پاختا پىلىك.
دوپپىنى يارىشىملىق قىلىدىغىنى پىلتىسى. * ھۆسنەم تونغا پىلتە ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.
2 . پارتلاتقۇچ بومبىلارنىڭ ئوت ئالىدىغان يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىپ.
3 . پوجاڭزىنىڭ ئوت ئېلىشى ئۈچۈن بېكىتىلگەن پىلىك، يىپ. پوجاڭزىنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياق.
4 . توقۇمىچىلىقتا ئېگىرىشكە تەييارلاپ قويۇلغان ئۇزۇنچاق پىلىك.