Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پلوتىنوس
دۇنيا تارىخى
普罗提诺
pǔ luó tí nuò
(تەخمىنەن 205 - 270) قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى پەيلاسوپ، يېڭى ئەپلاتونچىلار ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى. يۇنانلىق، مىسىرنىڭ لىكوپولىس دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىش - پائالىيەتلىرى شاگىرتى پورفىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىپ ساقلاپ قېلىنغان. 28 - 39 يېشىغىچە ئالېكساندىرىيىدە ئاممۇنىئۇس ساككاسقا شاگىرت بولۇپ، پەلسەپە ئۆگەنگەن (بەزىلەرنىڭ قارىشىچە ساككاس يېڭى پلاتونچىلارنىڭ بوۋىسى ئىكەن). تەخمىنەن مىلادى 242 ـ يىلى رىم ئىمپېراتورى كوردىئانوس Ⅲ پېرسىيىگە يۈرۈش قىلغاندا، شەرقنىڭ دىنىي پەلسەپىسى بىلەن تونۇشۇپ مەقسىتىدە بىللە بارغان (ئىمپېراتور ئۆلتۈرۈلگەن). تەخمىنەن 245-يىلى رىمدا ئولتۇراقلىشىپ، پەلسەپە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن؛ ھۆكۈمرانلار (ئىمپېراتور، خانىكە) نىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشىپ، ئىتالىيىدىكى كامپانىيىدە كەڭ كۆلەملىك ئېتىرزغا ئىگە بولغان. كامپانىيىنىڭ پۇتئولى دېگەن جايىدا ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئىدېئالىستىك كۆز قارىشى، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا شەرق دىنىي ئىلاھىيىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئەپلاتوننىڭ <ئىدىيە نەزەرىيىسى> ۋە <روھ تەلىماتى> نى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سىرلىقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى پورفىرى تەرىپىدىن 6 پارچە <ئېننېئادىس> ناملىق ئەسەر قىلىپ رەتلەنگەن؛ ھەربىر 9 بابلىق (جەمئىي 54 باب)بولغانلىقتىن، يەنە <9 بابالىق توپلام> دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ ئىدىيە دۇنياسىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئالىي ئىدىيە <ئەڭ بىرىنچى> (گرېكچە tohen) بولۇپ، بىر خىل سرىلىق روھىي گەۋدە (يەنى ئىلاھ) دىن ئىبارەت، دەپ قارىغان. ئۇ <ئەڭ بىرىنچى> مۇتلەق بىرلىككە ئىگە بولۇپ، تولۇق ۋە مۇكەممەل، تىل - يېزىقتا ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ؛ <ئەڭ بىرىنچى> مەۋجۇدىيەتتىن ھالقىغان بولىدۇ، ئەمما ئۇ كائىناتنىڭ مەنبەسى بولۇپ، كائىنات ئۇنىڭدىن <تېشىپ چىققان> ياكى <ئېقىپ چىققان>؛ <ئەڭ بىرىنچى> ئالدى بىلەن <ئەقلىيلىك> (ئەقىل) تىن <تېشىپ چىقىدۇ>، ئەقلىيلىكتىن روھ تۇغۇلىدۇ، روھتىن ماددىي دۇنيا تۇغۇلىدۇ؛ تۇغۇلغۇچىلار مەڭگۈ تۇغقۇچىلارنىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ؛ ماددا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك بولۇپ، جىنايەتنىڭ مەنبەسىدۇر؛ كىشىلەر ماددىي ھەۋەستىن ئۆزىنى تارتىپ، بىۋاسىتە سېزىمى ئارقىلىق <ئەڭ بىرىنچى> بىلەن ئۇيغۇنلىشىشى لازىم دېگەن. ئۇ بەرپا قىلغان <يېڭى ئەپلاتونىزم> رىم ئىمپرىيىسىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە، بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىللىك خىرىسىتئان دىنىنىڭ پوپ پەلسەپىسى (مەسىلەن: مۇقەددەس ئاۋگۇستىن) گە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن.