Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پلاتېئا
دۇنيا تارىخى
布拉的
bù lā de
قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ بۇئىئوتىيا چېگرىسى ئىچىدىكى بىر شەھەر. تېبېسلىقلار ياسىغان دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئاسۇپۇس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا تېبېس (شىمالى) ۋە ئافىنا (جەنۇبى) نىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. دەسلەپتە بۇئىئوتىيا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، ئافىنانىڭ ھامىيلىقىنى قوبۇل قىلغان. مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى ئافىناغا 1000 ئەسكەر تەييارلاپ بېرىپ پېرسىيىگە قارشى مارافون ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۈچىنچى قېتىملىق گېرتسىيە -پېرسىيە ئۇرۇشىدا شېرىشېس شاھ گرېتسىيىگە بېسىپ كىرگەندە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 479 يىل ئىلگىرى سپارتا قوماندانى پائۇسانى قوماندانلىقىدىكى گرېتسىيە ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى مۇشۇ جايدا ماردونىئۇس يېتەكچىلىكىدىكى پېرسىيە قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، گرېتسىيە غەلبىسىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ شەھەر تاجاۋۇز قىلغىلى بولمايدىغان شەھەر دەپ ئاتىلىپ (پائۇسانى قاتارلىقلار ئۇنى قوغداشقا قەسەم ئىچىشكەن)، گرېتسىيىلىكلەرنىڭ ھالاك بولغۇچىلارغا نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزىدىغان ئورنىغا ئايلانغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا سپارتا تەرىپىدىن تۈپتۈز قىلىۋېتىلگەن (مىلادىدىن 427 يىل ئىلگىرى). كېيىن قايتىدىن ياسالغان.