Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىلاتوس
دۇنيا تارىخى
(Ⅰ ئەسىر) رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يەھۇدىي ۋە سامارىيە رايونىدا تۇرۇشلۇق باش ۋالىسيى (تەخمىنەن مىلادى 26 - 36) ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە يەھۇدىيلارنىڭ قارشلىق ھەرىكىتىنى دەھشەتلىك تۈردە باستۇرغان، شەپقەتسىزلىكتە نامى چىققان. راىۋايەت قىلىنىشىچە قىددىس ئەيسا شۇنىڭ قولىدا ئۆلگەن. خرىستىئا دىنىنىڭ دەستۇرى <ئىنجىل> دا يەھۇدىي دائىرىلىرى ئەيسانى پىلاتۇسقا تۇتۇپ بېرىپ، جىنايەت بېكىتىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە پىلاتۇس ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئەيسانى كرىستقا مىخلاپ قويغان، دېيىلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ سامارىيىلىكلەرنى خورلاپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن پادىشاھ تېبېرۇ ئۇنى رىمغا چاقىرتقاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.