Uyghurئاساسىي لۇغەت
پېكتازا
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىسى پېكتىننى پارچىلايدىغان بىر خىل ئېنزىم بولۇپ، پېكتىن ئېستىرازا (PE) پولى گالاكتوزالدېگىد ئاتسىرازا (PG) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. PE پېكتىندىكى مېتىل ئېستېرىنى گىدرولىزلاپ پېكتىن كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. PG پولى گالاكتوزالدېگىد كىسلاتاسىنى ئەڭ كىچىك مولېكۇلىلىق پولىمېرلارغا قىسقارتىدۇ. پېكتىن كىسلاتاسى گالاكتوزالدېگىد كىسلاتالىرىنىڭ a - 1، 4 - گلىكوزىد بېغى بىلەن تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولغان تۈز زەنجىرلىك پولى ساخارىد. PG سىرتىدىن ۋە ئىچىدىن كېسىىش ئاكتىپلىقىغا ئىگە بولۇپ، a - 1، 4 - گلىكوزىد بېغىنى كېسىدۇ. پېكتازا توقۇمچلىق سانائىتىدە كەندىرنى يېلىمىدىن ئاجرىتىشتا، يېمەكلىكلەر سانائىتىدە مېۋە شىرنىسىنى سۈزۈلدۈرۈشتە ياكى مېۋە شىرنىسىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.