Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
坪井九马三
دائىرە: دۇنيا تارىخىتىسۇبوئى كۇبامىتسۇ
(1858 - 6193) ياپونىيە تارىخشۇناسى. 1881 - يىلى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1885 - يىلى تەبىئىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1887-يىلى گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئوقۇپ، تارىخ تەتقىق قىلغان. 1891يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەدەبىيات دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىكشەن. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مەكتەپ مۇدىرى، ئىمپېرىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە ئارخېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىق بولغان. ياپونىيە دەلىلچىلىك تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. <يېقىندىن بۇيانقى سىياسىي دىلپوماتىيە تارىخى>، <تارىخ تەتقىقات ئۇسۇلى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.