Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
平家物语
دۇنيا تارىخى
تائىرا جەمەتى ھەققىدە ھېكايىلەر
ياپونىيە كاماكۇرا دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مەشھۇر جەڭنامە. ئەڭ دەسلەپ شىنانوساكىكازور تەرىپىدىن يېزىلغان )ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرى( دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئەسلى ئەسەر ئۈچ جىلد بولۇپ، كېيىنچە ئەما ھەزرەت شېڭ فونىڭ سۆزلەپ بېرىشى بىلەن ناخشا تېكىستىنىڭ ئورگىنالى شەكىللەنگەن. تائىراكۇي دەپ ئاتالغان. ئون ئىككى جىلد. كېيىنكىلەرنىڭ تولۇقلاپ، تاللىشى ئارقىسىدا، ھازىرقى ھەر خىل نۇسخىلىرى ئاساسلىقى مۇزىكىغا سېلىپ ئېيتىلىدىغان نۇسخىسى ۋە ئوقۇلىدىغان نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سىستېمىسىغا بۆلۈنگەن. بىرىنچى جىلدتىن بەشىنچى جىلدقىچە تائىرا جەمەتىنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ئومۇميۈزلۈك روناق تېپىشىغىچە بولغان جەريان خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىش ئەھۋالى ھەمدە مىناموتو جەمەتى بىلەن قارشىلاشقانلىقلىرى تەسۋىرلەنگەن؛ 6-جىلدتىن 8-جىلدقىچە كوكۇراخارا )1161 - 1181(، تائىرا كىيومودملارنىڭ ئۆلۈمى بايان قىلىنىپ، تائىرا جەمەتىدە ئاجىزلىشىش كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن تاكى مىناموتويوشى ناكا )1154 - 1184( نىڭ كىيوتونى تارتىۋېلىشى )1183( غىچە؛ 9-جىلدتىن 12 - جىلدقىچە مىناموتويورى تومو بىلەن مىناموتويوشى ناكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش )1184(، مىناموتو جەمەتى بىلەن تائىرا جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچىنوتانى ئۇرۇشى )1184( دىن تارتىپ داننوئۇرا ئۇرۇشىدا تائىر جەمەتىنىڭ يوقلىشى )1885( غىچە بايان قىلىنغان. پۈتۈن كىتابقا <ھەر كىم يولدىن ئازسا، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، خۇشاللىق بىلەن جەننەتكە ئىنتلىش لازىم> دېگەن بۇددا دىنى ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، خەنزۇچە بىلەن ياپونچە يېزىق ئارىلاشما قوللىنىلغان. مىنا موتو، <تائىرا جەمەتلىرىنىڭ گۈلىنىش، خارابلىشىش خاتىرىلىرى> 48 جىلد بولۇپ، يۇقىرىقى ئەسەر مانا مۇشۇنىڭدىن كېڭەيتىلىپ يېزىلغان، بۇنىڭ ئۆزگىچە بىر نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى ھەم كۆرگىلى بولىدۇ.