Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەۋقۇلئاددە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان، ئادەتتە ئۇچرىمايدىغان؛ كۈتۈلمىگەن، تاسادىپىي.
پەۋقۇلئاددە ئەھۋال. پەۋقۇلئاددە ھادىسە.
رەۋ. ئادەتتىن تاشقىرى، ھەددىدىن زىيادە، غايەت، ئىنتايىن.
ئۇ ئۆز سىنىپىنىڭ بىر مەۋسۇم ئىچىدە پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىگە ھەيران بولدى.
سۈپ. ئالاھىدە ۋەقەلەر، ھادىسىلەر ياكى مەخسۇس شارائىت تەلىپى بىلەن بەلگىلىنىدىغان، سادىر بولىدىغان؛ نۆۋەتتىن تاشقىرى.
پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە. پەۋقۇلئاددە ئەلچى.
ئۇ ساقچى ئەمەلدارى بىلەن يىپەك سەللىلىك ئاخۇننىڭ سۆزىدىن پەۋقۇلئاددە بىر يېڭىلىقنى سەزدى.