Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەتتە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇرمۇش قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىپ، ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن مەخسۇس ئورۇندىن بېرىلگەن قەغەز.
بۇلار ھەر جايدا مۇشۇنداق ھەر خىل ئاتىلىۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ياش _ قۇرۇمى توشمىغاچقا، يېزىلىق ھۆكۈمەت توي خېتى بەرمەپتۇ. ئەندى بېرىپ پەتتە كەستۈرۈپ كېلىڭلار. ئۇلار نىكاھ كۈنى ئىمامنىڭ ئالدىغا قىزىلقەغەز قويۇشتى. جاڭزا ئالماي، نىكاھ ئوقۇشقا بولمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەختتىن، پالاستىن تىكىلگەن، نەرسە كېرەك سېلىپ قويىدىغان نەرسە.
« توۋار » ئاتقا بوغۇز بېرىدىغان خالتا.
خالتىغا قارىماي مېھمان باشلاپتۇ. قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋار تېشەر. قوشناچىمنىڭ سۈزگۈچى پەتتىسىگە پاتماپتۇ.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
توي خېتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قۇرۇلتاي، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ مەيدىسىگە تاقايدىغان ۋەكىللىك بەلگىسى؛ لېنتا.
مەيدىسىدىكى قىزىل پەتتە ئۇنىڭ تۇرقىغا، ھالىتىگە قىلچە ماسلاشمىغانىدى.
ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇش قۇرغانلىقىنى، تويلىشىشىنى ئىسپاتلايدىغان گuۋاھنامە؛ نىكاھ خېتى.
پەتنە ئالماق، پەتنە يازماق.
سەللىنىڭ مۈرىگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان قىسمى؛ ئۇچى.
ھاجى ئىشاتنىڭ سۆزىنىڭ ئېغىر تەسىرى ئاستىدا، بېشىدىكى چوڭ سەللىسىنىڭ پەتتىسىنى مۈرىسىگە ئارتىلدۇرۇپ مەيدىسىگە چۈشۈرگەن ھالدا ھېسامىدىن داموللار ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى.