Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەتىچى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆلۈم ئۇزىتىلغان ئۆيدىكى ھازىدارلارغا تەسەللى بېرىپ، يوقلاپ كەلگەن كىشى.
موماي يىراق - يېقىندىن پەتىچىلەر كەلسە، ئىختىيارسىز ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ، پىغان بىلەن قوشاق قېتىپ ھازا ئاچاتتى.
ئادەتتە ھېيت - ئايەم، توي - مەرىكە مۇناسىۋىتى بىەلن ئەل - ئاغىنە ۋە تونۇش - بىلىشلەرنى يوقلاپ كەلگەن كىشى.
مەن بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگىنىمدىن باشلاپ مېنى تەبرىكلەپ كەلگەن پەتىچىلەر ئۈزۈلمىدى.