Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەس
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
تۆۋەن، پاكار. ئانتونىمى: ئېگىز، يۇقىرى.
پەس ئۆي. * پەس تام. * پەس ئۇچماق. * يۈرۈڭلار پەسكە چۈشەيلى. * سىلەر پەستە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. * ئاتتىن ئېگىز، ئىتتىن پەس، ئۇ نېمە؟ (تېپىشماق _ ئىگەر).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
پەسكەش، رەزىل، پەسەندە، خار. ئانتونىمى: ئېسىل.
پەس ئادەم.* تېگى پەس، پەس ئارزۇ - ھەۋەس. * زىدى پەسنىڭ كۆڭلى پەس (ماقال). * قەست قىلغاننى پەس قىل (ماقال). * پەس پەسكەشلىكنى قىلماي قويمايدۇ.
پەس كىشى مال - دۇنيا كۆتۈرمەس بىشەك،
ئېشەك ئەتلەس توقۇمى بىلەنمۇ ئېشەك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كېيىن، سوڭ؛ دېمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمگەرچىلىكتىن چىققان، ئەسكىلىك قىلىشتىن يانمايدىغان.
ئېسىل - پەسلەر قوشۇلۇپ قالسا ئەگەر، پەس تەبىئىتى غالىب كېلەر ھەر سەپەر. پەسكەش ماختانغىنى بىلەن بۈيۈك بولماس، سەركەش يۈگۈرگىنى بىلەن كېيىك بولماس. رەزىل ئادەم ئاچ بۆرىدەك ھۇۋلار، گاھى ۋاي - دادلار، گاھى ۋارقىرار. ئۇ بەدرەكتىن ۋاپا چىقمايدۇ. ئىپلاس ئىپلاسلىقنى قىلمىسا ئۇخليالمايدۇ. مەست بىلەن بىللە ماڭساڭ ماڭ، نەس بىلەن بىللە ماڭما. نائەھلىگە قەرزدار بولما، ناتونۇشقا ھەمراھ. زېرىكلەر بىلەن زىندان گۈلستان، ناكەسلەر قىلار گۈلزارنى زىندان. ئەسكى ئەسكىلىككە يارىتىلغانمىكەن؟ ئۇ لەنىتىدىن نېرى يۈرگەن ياخشى. لەنىتى ئېھتىياج ئالدىدا ۋەدە بېرىپ، قانائەت ئالدىدا يۈز ئۆرۈيدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرىنىڭ تەتۈرى؛ ئېگىز ئەمەس
توققۇز ئوننىڭ تۆۋىنىدە. شاخنىڭ مېۋىسى كۆپ بولسا، تۆۋەنگە ئېگىلەر. ئاتتىن ئېگىز، ئىتتىن پەس ( ئۇنېمە؟). ئالتىن ئارتۇشنىڭ ئەنجۈرى داڭلىق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پەس تەرەپ، پەس ئورۇن، پەس دەرىجە.
يۇقىرى ، ئۈستۈن
ئۈستۈن تەرەپ، ئۈستۈن ئورۇن، ئېگىز تەرەپ، ئېگىز ئورۇن، ئۈستۈن دەرىجە.
سۇ تۆۋەنگە ئاقىدۇ، تۈتۈن يۇقىرىغا ماڭىدۇ. شامال تۆۋىنىدىن كېلىدۇ. ئاپتاپ يۇقىرىدىن. تۆۋەننىڭ يۇقىرىسى بار، يۇقىرىنىڭ تۆۋىنى. نەزەرى ئۈستۈن، نەرخى تۆۋەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
بىرەر ئېگىزلىك ياكى مەلۇم، تەكشىلىككە نىسبەتەن تۆۋەن.
پەس تام، پەس دەرەخ.
بويى ئۆسمىگەن، پاكىنەك، پاكار (ئادەملەرگە نىسبەتەن).
ئېگىلدىڭ تولىمۇ بۇرادەر - دوستۇم، تېخىمۇ پەسلىدى سېنىڭ پەس بويۇڭ، ئېگىلىش ئارقىلىق بىرەر مەنسەپكە، ئېرىشىش ئىكەنغۇ نىيىتىڭ، ئويۇڭ.
كۈچسىز، بوش، تۆۋەن (تاۋۇش، ئاۋاز ھەققىدە).
- بۇ مۇھەببەتمىكىن - دەپ پەس ئاۋازدا ئۆز - ئۆزىگە سوئال قويدى تەلئەت.
كۆچمە. ئادەملەرچىلىكنى يوقاتقان، ھەرقانداق ئەسكىلىكتىن يانمايدىغان؛ يۈسىز، رەسۋا.
پەس ئادەم. پەس قىلىق.
كۆچمە. قەدىرسىز، خار.
قەست قىلغاننى پەس قىل (ماقال).
كۆچمە. سىنىپىي جەمئىيەتتە، يۇقىرى تەبىقىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئەسلىي زاتى يۇقىرى بولمىغان (كەمسىتىش مەنىسىدە).
تېگى پەس. نەسلى پەس.