Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەرىشتە جىبرىئىل
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«جەبرائىل» مۇ دېيىلىدۇ. ئۇ پەرىشتە مىكائىل (مىكال)، ئىسرافىل، ئەزرائىل بىلەن بىر قاتاردىكى تۆت پەرىشتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىسىمى «قۇرئان كەرىم» نىڭ مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلىرىدە ئۈچ قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. (2 - سۈرىنىڭ 97 - ئايىتى؛ 2 - سۈرىنىڭ 98 - ئايىتى؛ 66 - سۈرىنىڭ 4 - ئايىتىگە قاراڭ). مۇفەسسىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پەرىشتە جىبرىئىل ئاللانىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن مەدىنىنىڭ يېنىدىكى ھىرا غارىغا كېلىپ ئىستىقامەت قىلىۋاتقان مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ئاللانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەن ھەمدە ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم» دىكى بەزى ئايەتلەرنى ئۆگەتكەن. بەزى رىۋايەتلەردە «روھۇل مۇقەددەس» ياكى «روھىيەت» كۆزدە تۇتۇلىدۇ، دېيىلىدۇ.