Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەرق ئەتكۈچى ئاقسىل
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلىنىش جەريانىدا گۈل چېڭى بىلەن ئانىلىق ئوتتۇرىسىدىكى بىرىكىش ياكى بىرىكمەسلىكنى، ئىككى تەرەپنىڭ مەلۇم خىل ئاقسىل مولېكۇلىلىرىنىڭ ئۆز ئارا پەرق ئېتىش ياكى ئەتمەسلىكى بەلگىلەيدۇ. ئۆز ئارا پەرق ئەتكەندىلا ئاندىن ئۇرۇقلىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، ئەكسىچە يەكلەشسە ئۇرقلانمايدۇ. بۇ خىل ئۆز ئارا پەرق ئەتكۈچى ئاقسىل مولېكۇلىسى پەرق ئەتكۈچى ئاقسىل دەپ ئاتىلىدۇ. تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، گۈل چېڭىنىڭ ھۈجەيرە پوستى ئچىكى پوست بىلەن تاشقى پوستقا بۆلۈنىدۇ، گۈل چېڭىنىڭ پەرق ئەتكۈچى ئاقسىلى بىر خىل قەنتلىك ئاقسىل بولۇپ، تىۋىت قەۋەتتىن ھاسىل بولىدۇ، گۈل چېڭىنىڭ تاشقى پوستىغا جايلىشىدۇ. ئانىلىقنىڭ قوبۇل قىلغۇچى ئاپپاراتى ئانىلىق ئاغزىدىكى ئاقسىللىق پەردە بولۇپ، پەقەت ئۆز ئارا پەرق ئەتكەندىلا گۈل چېڭى نەيچىسى ئانىلىق ئاغزىنى تېشىپ ئۆتۈپ ئۇرۇقلىنىش ئەمەلگە ئاشىدۇ. پەرقلەندۈرۈش ئاقسىلى گۈل چېڭى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى ئۆسۈملۈكنىڭ ئانىلىقى ئوتتۇرىسىدىكى بىرىكىشنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۇ گۈل چېڭىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق جورىنى تاللاپ، ئىرسىيەتلىك پەرقى زىيادە چوڭ ياكى زىيادە كىچىك بولغان يەككە تەنچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى چېتىشىتىن ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ھاسىل بولغان بىر خىل تۇراقلىق ماسلىشىش ئالاھىدىلىكىدۇر.