Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەرلىمەك
شىۋىلەر
چىراقنىڭ پىلىكىنى چىقارماق؛ ياغلىقنىڭ چۆرىسىنى پەرلىمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چىراغنىڭ پىلىكىنى چىقارماق؛ پىلىكىنىڭ كۆيگەن قالدۇقىنى چۈشۈرۈپ ئۇچلىماق.
چىراغلار ئۆچەي دەپتۇ، پەرلەپ قويسا كۆيەرمۇ، بىزنىڭ يارلار كەلمەپتۇ، چىللاپ قويسا كېلەرمۇ.
قۇشلار تۇمشۇقى بىلەن قانات ۋە باشقا ئەزالىرىنى تارىماق.
يوپۇرماقلار سارغايسا، سوغۇق يامغۇر تامچىلاپ، قانىتىڭنى پەرلىدىڭ، قارلىغىچىم ئالدىراپ.
كىيىم - كېچەك، داستىخان، ياغلىققا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ چۆرىسىنى يۈكمەك؛ تىكمەك: كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىنى، سىم يىپ بىلەن پەرلىگەن، تاڭ ئاتقۇچە ئىشقىلىپ، چاق ئېگىرىپ يەملىگەن.