Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پەردە قاناتلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
膜翅目
móchìmù
ھاشاراتلار سىنىپىدىكى بىر چوڭ ئەترەت، ئۇلارنىڭ بەدىنى كىچىك ياكى ئوتتۇراھال چوڭلۇقتا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ باش قىسمى ئېنىق بولۇپ، ئادەتتە بەدەن ئوقىغا تىك يۆنىلىشتە جايلىشىدۇ، بوينى ئىنچىكە ھەم ھەرىكەتلىنەلەيدۇ. ئېغىز ئاپپاراتى ئادەتتە چاينىغۇچى ئاپپارات شەكلىدە، بەزى تۈرلىرىنىڭ ئېغىز ئاپپاراتى ئۆزگىرىپ چايناش ھەم شوراشتىن ئىبارەت ئىككى رولغا ئىگە بولۇپ، چايناپ شوراش ئارقىلىق ئېغىز ئاپپاراتىغا ئايلانغان ھەر ئىككىلا جۈپ قانىتى پەردىلەشكەن، كېيىنكى قانىتى ئالدىنقى قانىتىدىن كىچىك، كېيىنكى قانىتىنىڭ ئالدى گىرۋىكىدە بىر قاتار كىچىك ئىلمەكچىسى بولۇپ، ئارقا گىرۋىكىگە تۇتاشقان بولىدۇ. بەزىلىرىنىڭ قانىتىنىڭ ئالدىنقى گىرۋىكىدە قېلىنلاشقان بىر قانات قادىقى بولىدۇ. قورساق قىسمىنىڭ بىرىنچى بوغۇمى كۆپىنچە ئالدى تەرەپتىكى كۆكرەك قىسمىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. ئادەتتە مۇشۇ بوغۇم بىلەن ئىككىنچى قورساق بوغۇمىنىڭ ئارىلىقى قىسقىراپ ئىنچىكە بەلنى شەكىللەندۈرگەن. چىشى قۇرتنىڭ تەرەققىي قىلغان تۇخۇم سېلىش ئاپپاراتى بولۇپ، بەزىدە ئامبۇرسىمان تىكەنچىگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇ ئەترەتتىكى ھاشاراتلار ئىككى جىنسلىق كۆپەيگەندىن باشقا يالغۇز چىشى تەنە (ئانىلىق) ئارقىلىق كۆپىيىشىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆپىيىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدۇ، ئوزۇقلىنىش ئادىتى مۇرەككەپ؛ ئۇلارنىڭ ئۆسۈملۈكخورلىرى، گۆشخورلىرى، شۇنداقلا پارازىتلىندىغانلىرىمۇ بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان تۈرلىرى مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى، چۈمۈلە ۋە ياۋا ھەرە (بوغۇن ياكى ۋېسپا ھەرىسى) قاتارلىقلارنىڭ توپلىشىپ ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك ھايات كەچۈرۈش ئادىتى بولۇپ، بىر ئۇۋا (چۈمۈلە) ئىچىدىكىلىرىنىڭ مورفولوگىيىلىك، چوڭ - كىچىكلىك ھەم فىزىئولوگىيىلىك جەھەتلىرىدە مەلۇم پەرقلەر بولۇپ ھەرقايسىسى كۆپىيىش، ئوزۇق ئىزلەش، ئۇۋا ياساش ۋە بالا بېقىش، قوغداش ۋە ئۇرۇشۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىپ بىر پۈتۈن گەۋدىنى تەشكىل قىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مەلۇم بولغان تۈلىرى 112 مىڭ تۈردىن ئاشىدۇ، ئاز ساندىكى تۈرلىرى زىرائەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلغاندىن باشقا زور كۆپچىلىكى پايدىلىق ھاشاراتلار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى ھەسەل چىقىرالايدۇ ھەمدە زىرائەتلەرنى چاڭلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنچىكە بەل ھەرە، قىزىل كۆز ھەرە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تۈرلىرى دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىقتىكى زىيانداش قۇرتلارنىڭ ئاساسلىق كۈشەندىلىرى بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرىدا زىيانداش قۇرتلاردىن بىئولوگىيىلىك مۇداپىئەلىنىشتە كەڭ تۈردە قوللىنىلىدۇ.
ئورمانچىلىق,باغۋەنچىلىك
膜翅目
mó chì mù