Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەن جۇجېن
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1871 - 1926) ۋيېتناملىق ۋەتەنپەرۋەت زات، تەخەللۇسى شىخۇ، شىما. گۇاڭنەن ئۆلكىسىنىڭ شيەنفۇ ناھىيىسىدىن، ھەربىي ئەمەلدارى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خەلق ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىسلاھات يولىدا مېڭىشنى تەشەببۇس قىلغان، فرانسىيىگە قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە قارشى تۇرغان. 1907 - يىلى توكيو خۇسۇسىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، جۇڭچى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى يىلى جۇڭچى باج تاپشۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باستۇرۇلۇپ، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، كونلۇن ئارىلىغا سولاپ قويۇلغان. 1911 - يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن فرانسىيەگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1925 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن داۋاملىق ماقالە يېزىپ لىكسىيە سۆزلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىتتىپاقىلىقىنى، دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنى تەرغىپ قىلغان، دېموكراتىك ئىدىيىنى تارقاتقان.