Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پەنجىكەنت قەلئەسى
دۇنيا تارىخى
片治肯特城堡
piàn zhì kěn tè chéng bǎo
(قەدىمكى كانجۇتلىقلار قەلئەسىنىڭ خارابىسى. پەنجىكەنت شەھىرىنىڭ ياكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سەمەرقەند شەھىرىنىڭ بىر يېرىم كىلومېتىر شەرقىي جەنۇب تەرىپىدە. 1950 - يىلدىن باشلاپ قېزىلغان. قەلئە، بۇتخانا، ئولتۇراق ئۆي - جاي، قەبرىستانلىق تېپىلغان. بۇتخانىنىڭ ئىچىدە نەپىس ئىشلەنگەن لاي ھەيكەل، ئولتۇراق جايلارنىڭ تاملىرىدا رەڭگارەڭ تام سۈرەتلىرى بار. <پادىشاھنىڭ ۋەزىرلىرىنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىشى>، <دېھقاننىڭ ئېلىشىشى>، <ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ جەڭ قىلىشى>، <ئايال ئارفىست>، <سىياۋۇشقا تەزىيە> قاتارلىق سۇژىتلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سىياۋۇش توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئەڭ كۆپ. رەسىملەرنىڭ ئىپادىلىنىشى جانلىق، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، قەبرىلەر ئوغرىلانغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ھەرخىل ئەسۋاب، تەڭگە پۇل، ئۈزۈك، بىلەزۈك قاتارلىق نەرسىلەر قېزىۋېلىنغان. بۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى قەلئەنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى، قۇرۇلۇشلار، قۇرۇلمىنىڭ سەنئىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.