Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەنگ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پاكىستاندىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى پەنجاپتىكى باھاۋالپورنىڭ راشىم يارخان ناھىيىسىدە. بۇ مەسچىتنى پەنگدىكى يەرلىك فېئودال رەئىس قازى سالدۇرغان. مەسچىت ئالتە بۇرجەك شەكلىدە بولۇپ، ھەر بىر تەرىپىگە مېھراب شەكلىدە دەرۋازا قويۇلغان. ھەر بىر تەرىپىگە مېھراب شەكلىدە دەرۋازا قويۇلغان. ئالتە بۇرجەكنىڭ ھەر بىرىگە ئۇچلۇق مۇنار سېلىنغان. مۇنارلارغا بۇرما شەكىللىك نەقىش چىقىرىلغان. مەسچىت ئوتتۇرىسىنىڭ ئۈستىگە ئاق گۈمبەز ياسالغان، گۈمبەزنىڭ چۆرىسى ۋە تامنىڭ ئىچى ئالتۇن يوپۇرماقلار بىلەن زىننەتلەنگەن. سىرتقى ئاق تام كۆك ۋە سېرىق ساپاللار بىلەن بېزەلگەن. ئىنتايىن چىرايلىق ۋە ھەشەمەتلىك كۆرىنىدۇ.