Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
胚胎培养
بىئولوگىيە
تۆرەلمە ئۆستۈرۈش
ئۆسۈملۈك تۆرەلمىسىنى تەندىن ئايرىلغان شارائىتتا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى. ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېتىلگەن تۆرەلمە ياكى يۇمران تۆرەلمە ھەمدە تۆرەلمىنىڭ بىر قىسمى (پەللە يوپۇرماق، تۆۋەنكى تۆرەلمە ئوق قاتارلىقلار) ئۆستۈرۈلىدۇ. يېتىلگەن تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى تاماملىنىپ بولغاچقا، پەقەت ئاددىي ئۆستۈرگۈچتە ئۆستۈرۈلسىمۇ بىخلىنىپ مايسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇقنىڭ تىنچلىنىش باسقۇچىنى بۆسۈپ ئۆتۈش، تېز سۈرئەتتە مايسا يېتىشتۈرۈش، ياكى ئۇرۇقنىڭ ھاياتلىق كۈچىنى تېز سۈرئەتتە باھالاپ بېكىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. يۇمران تۆرەلمە بىر ئاز مۇرەككەپ ئۆستۈرگۈچ ۋە قاتتىق ئۆستۈرۈش شارائىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. تۆرەلمىنىڭ يېشى قانچە چوڭ كىچىك بولسا، ئۆستۈرۈش شۇنچە تەس بولىدۇ. ئۆستۈرگۈچتە نارجىل سۈتى قاتارلىق تەبىئىي تەركىبلەرنى قوشۇش، ساخاروزىنىڭ قويۇقلۇقى بىلەن ئوسموتىك بېسىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغاندىن كېيىن ئارپا، بىجىق، ئىتياڭىقى، كېۋەز قاتارلىقلارنىڭ يۇمران مايسىسىنى ئۆستۈرۈش زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، يۇمران تۆرەلمىنى ئۆستۈرۈش بىر جەھەتتىن تەندىن ئايرىلغان تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تەتقىق قىلىشتا پايدىلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن سورت يېتىشتۈرۈشتە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. مەسىلەن، يىراق تۇغقانلارنى شالغۇتلاشتۇرۇلغان ۋاقىتتىكى تۆرەلمىنى يېتىلەلمەسلىتكىن قۇتقۇزۇش، ئۈچكىلىك مېۋە تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بالدۇر پىشىدىغان سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلار تۆرەلمە، پەللە يوپۇرماق، تۆۋەنكى تۆرەلمە ئوق قاتارلىقلارنىڭ بۆلۈنۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇلارنى ئۆستۈرۈپ تۆرەلمىسىمان تەنە، جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلما ھاسىل قىلىشقا ياكى پروتوپلازمىنىڭ ئىپتىدائىي ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ.